باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتتى

ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا ئالاقىدار بىر تۈركۈم قانۇنغا خىلاپ جىنايى دېلولارنى پاش قىلدى

2017.06.06 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كېلىش ئالدىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە مائارىپ تارماقلىرىدىن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا تەشكىللەش، كۆچۈرۈش ئەسۋابى سېتىش، ئىمتىھاندا ئادەم سېلىپ ساختىلىق قىلىشقا زەربە بېرىش ۋە ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىنىڭ مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىش جىنايى ھەرىكىتىنى ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا ئالاقىدار بىر تۈركۈم قانۇنغا خىلاپ جىنايى دېلولارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلغان. چۇڭچىڭ ساقچى دائىرىلىرى توردا ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا تەشكىللىگەنلىك يىپ ئۇچىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، يان تېلېفون APP يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ساختىلىق قىلىشقا تەشكىللىگەن شايكىنى بىتچىت قىلىپ، توققۇز جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن. گۇاڭدۇڭ ساقچى دائىرىلىرى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، ساختا تور پونكىتىدىن پايدىلىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئالدىغان جىنايەتچىلەر شايكىسىنى تېز سۈرئەتتە پاش قىلىپ، 21 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرۈپ، دېلوغا چېتىشلىق 87 تور پونكىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، ئالدامچىلىق بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ 8000دىن ئارتۇق ئۇچۇرىغا ئېرىشكەن. خېبېي ساقچى دائىرىلىرى ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن، قانۇنسىز سوئال-جاۋاب بىلەن تەمىنلەش دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، سەككىز جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ساختىلىق قىلىشقا تەشكىللەش ئۇۋىسىدىن ئۈچنى بىتچىت قىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر