باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

داڭلىق ئۇستازلار تەدبىر كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تولۇپ تاشقان بەدەن قۇۋۋىتى ۋە روھى كەيپىيات بىلەن ئىمتىھانغا كىرىشكە ئۈندىدى

2017.06.06 16:56   مەنبە: خەلق تورى

داڭلىق ئۇستازلار تەدبىر كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تولۇپ تاشقان بەدەن قۇۋۋىتى ۋە روھى كەيپىيات بىلەن ئىمتىھانغا كىرىشكە ئۈندىدى

  «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنايلا دەپ قالدى، مەن قانداق قىلسام ياخشى بېرەلەرمەن؟»، «ئىمتىھان ئالدىدا جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىمەن، قانداق قىلغاندا كەيپىياتىمنى ياخشى تەڭشىيەلەيمەن؟» ئىمتىھانغا ئاز قالغان ۋاقىتتىمۇ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاننى قانداق بېرىش توغرىسىدا غەم قىلىشماقتا. 5- ئىيۇن، مۇخبىر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا شىنجاڭدا داڭقى بار مۇئەللىم، مۇتەخەسسىس، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇئەللىمى لىن زېخۈينى زىيارەت قىلدى. لىن زېخۈي مۇنداق مەسلىھەت بەردى، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان ئالدىدا پىسخىكىسىنى ياخشى تۇتۇشى، ياخشى بولغان بەدەن قۇۋۋىتى بىلەن ئىمتىھانغا كىرىشى كېرەك.

  تولۇپ تاشقان بەدەن قۇۋۋىتىنى ساقلاش بەك مۇھىم

  لىن زېخۈي مۇنداق دېدى: ئىمتىھان يېتىپ كەلدى، ئەمدى بىر كۈندىلا كاللىغا ھەممە بىلىمنى سېلىۋالغىلى بولمايدۇ. ئىمتىھان بەرگەندە، بەزى بىلىم نۇقتىلىرىدىكى خاتالىقلارنى سادىر قىلىش ھەم تەبىئىي ئەھۋال، لېكىن خاتالىقنى ئاز سادىر قىلغىلى، ھەتتا سادىر قىلمىغىلىمۇ بولىدۇ. ئادەتتە خاتالىقلار سەۋەپلىك قولدىن كەتكەن نومۇرلار، ھازىر خاتالىق سادىر قىلمىساق. قولىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ. ئىمتىھان ۋاقتىدا ئىقتىدارىمىزنى نورمال سەۋىيەدە جارى قىلدۇرۇشىمىز، ھەتتا دەرىجىدىن تاشقىرى سەۋىيەدە جارى قىلدۇرۇشىمىز ئۈچۈن، بەدەم قۇۋۋىتى، تەپەككۇر قۇۋۋىتى، ئەستە ساقلاش كۈچى، پىسخىكىلىق ئىقتىدارىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتنى بىرلەشتۈرۈپ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم. بۇنىڭدا بەدەن قۇۋۋىتى ھالىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

  تۆت كەرە «بەش مىنۇت»نى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك

  ئۇنداقتا، تۇنجى مەيدان ئىمتىھاندىكى روھىي ھالەتنى قانداق قىلغاندا ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟ لىن زېخۈي ئوقۇغۇچىلارنى ئالدى بىلەن تىل-ئەدەبىياتقا جاۋاپ يېزىش ۋە تىل-ئەدەبىياتتىكى تىل مۇھىتى سوئاللىرىنى كۆرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىدىكى روھىي بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دېگەنلەرنى تەۋسىيە قىلدى. «ئىمتىھاننىڭ ئالدىدا، ئىمتىھان ئوتتۇرىدا، ئىمتىھاننىڭ ئاخىرىدا»دىن ئىبارەت ئۈچ ۋاقىت بۆلىكىدە ياخشى پىلان قىلىپ، تۆت كەرە «بەش مىنۇت»تىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  لىن زېخۈي ئوقۇغۇچىلارنى 8:50-8:45كىچە بولغان بىرىنچى بەش مىنۇت ۋاقىتتا، ئىمتىھان بېرىش قوراللىرىنى تەييار قىلىپ قويۇپ، ئۈچ قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، بۇ تۈردىكى ئىمتىھاندا تەكرار قىلغان مەزمۇنلارنى بىر قۇر ئەسلەپ، ئىمتىھان ھالىتىگە بالدۇر كىرىشى لازىم.

  8:55-8:50كىچە بولغان ئىككىنچى بەش مىنۇت بولسا، نازارەتچى مۇئەللىم جاۋاپ يېزىش كارتىسىنى تارقىتىدىغان ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا، ئىمتىھاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، جاۋاپ يېزىش كارتىسىنى ئەستايىدىل تولدۇرۇش كېرەك.

  9:00-8:55غىچە بولغان ئۈچىنچى بەش مىنۇت بولسا، نازارەتچى مۇئەللىم ئىمتىھان سوئالىنى تارقىتىدىغان ۋاقىت. بۇ ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سوئال قەغىزىگە كۆز يۈگۈرتۈپ، بىلىم تۈرىنى پەرقلەندۈرۈش، سوئالنىڭ ئوڭاي ۋە قىيىنلىرىنى پەرقلەندۈرۈش، سوئال ئىشلەش تەرتىپىنى بېكىتىش، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تۈزۈش، ماقالىنىڭ تېمىسىنى كۆرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش لازىم.

  يەنە بىرى بولسا، 11:30-11:25كىچە بولغان تۆتىنچى بەش مىنۇت. بۇ ئاخىرقى 5 مىنۇت ۋاقىتنى چوقۇم ئاجرىتىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ يېزىپ بولغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ تولدۇرۇلۇش ئەھۋالى، جاۋاپ كارتىسىنى بوياش ئەھۋالى، ئاچقۇچلۇق سۆز-جۈملىلەرنىڭ يېزىلىشىنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش، پۈتۈن ئىمتىھان تەرتىپى بويىچە تولۇق تاماملاش، ئالدىراقسانلىق بىلەن ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

  ئىمتىھان قەغىزىگە ئاۋۋال كۆز يۈگۈرتۈش سوئال ئىشلىگەندىكى ناتونۇش تۇيغۇنى يوقىتىدۇ

  لىن زېخۈي مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار سوئالنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا، مېڭىگە ئالدى بىلەن ئۇچۇرنى قوبۇل قىلغۇزۇپ، ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەرلىك ۋاقىت بەرگىلى بولىدۇ. نۇرغۇن سوئاللارنى تۇنجى كۆرگەندە قىيىندەك بىلىنىدۇ، بۇنى، ناتونۇش بولغانلىقنىڭ سەۋەبىدىن دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا قارىغاندا، بىلمەيدىغاندەك، ناتونۇش كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭغا يەنە جىددىيلىشىش قوشۇلغاندا، ئەلۋەتتە قىيىندەك ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سوئالغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىش چوڭ مېڭىگە بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋاقىتنى يېتەرلىك بېرىدۇ، شۇ ئارقىلىق ناتونۇش تۇيغۇنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

  ئەگەر ئىمتىھان جەريانىدا ئوقۇغۇچى كاللىسى قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلسا، جىددىيلىشىش، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بولغان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچى قايتا-قايتا چوڭقۇر نەپەس ئېلىشى كېرەك، ئاندىن سوئالنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئىشلەپ تۈگىتىش، بىر نومۇر ئالسا بىر نومۇر ئالغانچە، ئالالايدىغان نومۇرنىڭ ھەممىنى ئېلىشقا تىرىشىش لازىم.

  لىن زېخۈي يەنە مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ سوئاللىرى ھەممە ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلىپ چىقىرىلغان بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەلۋەتتە قىيىن ۋە ئوڭايلىق دەرىجىسى بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچى بەلكىم ھەممە قىيىنچىلىقنى ھەل قىلالماسلىقى مۇمكىن، بىراق ئۆزى ھەل قىلالايدىغان قىيىنچىلىقنى چوقۇم ھەل قىلىش كېرەك.

  لىن زېخۈي ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھاندا قىيىن سوئالدىن ئۆزىنى جانلىق ۋە ئۈنۈملۈك قاچۇرۇپ، ئىمتىھان تاكتىكىسى بويىچە ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى سەۋىيەسىنى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللا نىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·داڭلىق ئۇستازلار تەدبىر كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تولۇپ تاشقان بەدەن قۇۋۋىتى ۋە روھى كەيپىيات بىلەن ئ…
    ·خەنزۇچە ۋە "جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى" دېگەن بۇ ئىككى دەرس چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەزمەن ئۆگىنىدىغ…
    ·2017-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلىنىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىمتىھا…
    ·«ئاخىرقى قېتىملىق» ئەدلىيە ئىمتىھانى 9-ئايدا ئېلىنىدۇ
    ·جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتتى
    ·بىز ئوقۇش پۈتكۈزدۇق
    ·ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ئوقۇغۇچىلارنى 
    ئىمتىھان بېرىشنىڭ ئالدىدا كىچىك نۇ…
    ·«چېلىشىڭ، دادا» فىلىمىدىن ئېلىنغان تەربىيەۋىي ئىلھام
    ·26 ھەربىي مەكتەپ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىدىن 12 مىڭنى قۇبۇل قىلىدۇ
    ·گۇگۇڭ سارىيى مەدەنىيەت كەچۈرمىشى دەرسخانىسى باڭكوكتا دەرس تەسىس قىلدى