باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن 4-قېتىملىق چوڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە نېمە ئۈچۈن بۇ بەش جەھەتتىكى خىزمەتنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ تاللىدى؟

2017.06.05 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم سىياسەت تەدبىرلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن بۇيان، گوۋۇيۈەن ئۇدا تۆت قېتىم چوڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. زۇڭلى لى كېچياڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى «ئۆتكۈر قورال» لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىغا كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ چوڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلاپ، تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ۋە سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر يولى» نى ھەقىقىي ئېچىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېچەكلەپ مېۋە بەرگۈزۈپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى تەلەپ قىلدى. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ روھى ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە، يېقىندا گوۋۇيۈەن «ئۇقتۇرۇش» چۈشۈرۈپ، 4-قېتىملىق چوڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى چوڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش، يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش، نۇقتىلىق ساھەلەر بويىچە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق بەش جەھەتتىكى خىزمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  چىگىش ۋە مۇرەككەپ بولغان ھۆكۈمەت خىزمىتىدە نېمە ئۈچۈن بۇ بەش جەھەتتىكى خىزمەت مۇھىم نۇقتا قىلىپ تاللاندى؟ ئىگىلىنشىچە، بۇ بەش جەھەتتىكى مۇھىم مەزمۇن مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» قا ئاساسەن بېكىتىلگەن بولۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە زىچ باغلانغان.

  ئېلىمىز ئىچكى ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، ئىستېمالنى سىجىل كېڭەيتىشتە، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، كۈچنى ئاشۇرۇپ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۆپەيتىشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئېلىمىز يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرىۋاتىدۇ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشتا، قولمۇقول ئىگىلىك تىكلەش، قولمۇقول يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىي يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش-خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ بىۋاسىتە نامايەندىسى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، خەلق تۇرمۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ باش رىتىمى-دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر خەۋپ-خەتىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، گەۋدىلىك خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرىنى تەرتىپلىك تۈگىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر