باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 13 ئادەم قازا قىلدى

2017.06.01 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيەنىڭ بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتە شەرقىي جەنۇبى قىسىمدىكى شىرناق ئۆلكىسىدە چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 13 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى.

  تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى شۇ كۈنى ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 20دىن 55 مىنۇت ئەتراپىدا، بۇ ھەربىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ شىرناق ئۆلكىلىك سېنوبا ۋىلايىتىدە، ئۇچۇش داۋامىدا يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا سوقۇلۇپ، ئارقىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە ئوت كېتىپ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى، ئايروپىلاندىكى 13 ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  تۈركىيە ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېشىك، قوراللىق قىسىمنىڭ باش ئىشىتاب باشلىقى ئارقار قاتارلىقلار ھادىسە ئورنىغا يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر