باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2017.06.02 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تارىخىي ھۆججەتلەر تەتقىقات ئىشخانىسى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» (خەنزۇچە نۇسخىسى) يېقىندا مەركىزىي تارىخىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى.

  «بايانلاردىن ئۈزۈندىلەر» ئون مەخسۇس تېمىدىن تەركىب تاپىدۇ: تەرەققىيات ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى؛ خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛ بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئۇنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش؛ يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇش؛ ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ سەۋىيەسىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ئۆستۈرۈش؛ مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش. كىتابقا 494 پارچە بايان كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ بايانلار يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2017-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە سۆزلىگەن سۆزلىرى، دوكلاتى، كۆرسەتمىسى قاتارلىق 120 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت ئىچىدىن تاللاپ ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن بايانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر