باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سىلوۋاكىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لەيچاك 72-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى

2017.06.01 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 71- نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنى 31-ماي سىلوۋاكىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مىروسلاۋ لەيچاكنى 72- نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسىلىكىگە رەسمىي سايلىدى. لەيچاك بۇ يىل 9-ئاينىڭ 12-كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنى ئېچىلغان چاغدا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ.

  ب د ت قۇرۇلتىيى شۇ كۈنى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، لەيچاكنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسىلىكىگە بىردەك سايلاپ چىقتى. لەيچاك سايلانغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئادەمنى ئاساس قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېلىشتۈرۈپ ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە كىشلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر