باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئىلمىي تەجرىبە يۈكى خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا تۇنجى قېتىم چىقىرىلدى

ئانتىتېلا رەقەملىك گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈش قانۇنىيىتى توققۇز ئوربېتىدا تەتقىق قىلىندى

2017.06.05 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئىيۇن تاڭ سەھەر سائەت 5 تىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى پەن-تېخنىكا شىركىتى (spakex) نىڭ «بۈركۈت-9» ناملىق راكېتاسىدىن «ئەجدىھا» ناملىق توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلىپ، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا 11-قېتىم ياردەم بېرىلدى ۋە تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى يەتكۈزۈپ بېرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شۇكى، جۇڭگو بىر تۈرلۈك ئىلمىي تەجرىبىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىدى، بۇ، دەل تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېڭ يۈلىن كوللېكتىپى تەتقىق قىلىپ ياسىغان «بوشلۇق مۇھىتى ئاستىدا PCR رېئاكسىيەسى جەريانىدا DNA نىڭ خاتا جۈپلىشىش قانۇنىيىتى تەتقىق قىلىنغان ئىلمىي يۈك» بولۇپ، بۇ يۈكنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا رادىئاتسىيەلىنىش ۋە مىكرو ئېغىرلىق كۈچى مۇھىتىدا، ئانتىتېلا رەقەملىك گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈش قانۇنىيىتى ئوربىتىدا تەتقىق قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىم جەمئىي ئىككى گۇرۇپپا 12 ئۆزەك توشۇلىدىغان بولۇپ، 20 گېننىڭ ئالەم بوشلۇقى مۇھىتىدىكى تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈش قانۇنىيىتى تەتقىق قىلىنىدىكەن. تەتقىقات كوللېكتىپى تېخنىكا ۋاسىتىسىنى قوللىنىش جەھەتتە، ئالەم بوشلۇقى تېمېپراتۇرىسىنىڭ ئۆزگۈرۈش شارائىتىدا، گېنلارنى كۆپەيتىشتىكى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىدە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. بۇ ئىجادىيەت بىر تەرەپتىن ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئىلمىي تەجرىبىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگو-ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئىلمىي ھەمكارلىقىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر