باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تىرامپنىڭ ياۋروپادىكى تۇنجى زىيارىتى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى

2017.06.02 14:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى چەتئەلدىكى تۇنجى زىيارىتىنى يېقىندا ئاياغلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى چەتئەل زىيارىتىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى مۇنداق ئۈچ ئىش كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى: بىرىنچىسى، 25-ماي بېريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش، ئىككىنچىسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش، ئۈچىنچىسى، 26-، 27-ماي ئىتالىيەنىڭ سىسىلىيا ئارىلىدىكى تائورمىنادا يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش.

  تىرامپنىڭ سايلام مەزگىلى ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى بىر قاتار سۆزلىرى ئامېرىكا-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە يىرىكچىلىك پەيدا قىلدى، مەسىلەن، ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي بىريۇسسېلنى «نەس باسقان جاي»، ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى»نى «ئۇلۇغ ئىش» دېدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلار ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2ىنى ئىگىلەيدىغان ھەربىي خىراجەتنى جەزمەن تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. ئۇ كېيىن مۇخبىرلار زىيارەت قىلغاندا سۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىنتايىن مۇھىم، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ، دېگەن بولسىمۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەربىي خىراجىتى مەسىلىسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

  مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ پېنس، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس دېگەندەك تىرامپنىڭ ياردەمچىلىرى يېقىندا بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى، تىرامپنىڭ بۇرۇنقى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن سۆزلىرىگە تۈزىتىش بېرىپ، ئامېرىكا-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى يىرىكلىكنى ياخشىلاشقا ئۇرۇندى. ياۋروپامۇ تىرامپنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مەزگىلىدە مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى، ئەمما تىرامپنىڭ بۇ ئۈچ چوڭ سورۇندىكى ئىپادىسى ياۋروپانى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىگە ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋەتتى.

  شۇ جاي ۋاقتى 25-ماي چۈشتىن بۇرۇن، تىرامپ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جۇنكېر بىلەن كۆرۈشتى، ئارقىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موگېرىنى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ئانتونىيو تايانى قاتارلىقلار چوڭ كۆلەملىك سۆھبەتكە قاتناشتى. تۇسىك ئۇچرىشىشتىن كېيىن تاراتقۇلارغا قىسقا سۆز قىلغاندا ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپ نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى دېدى، ئارقىدىن گەپنىڭ تېمىسىنى ئۆزگەرتىپ، كىلىمات ۋە سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى مەسىلىلەر يەنىلا ھەل قىلىنمىدى، دېدى. ئۇ يەنە: مەن رۇسىيەگە بولغان قارىشىمىزنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيمەن، ئەمما ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە بىز ئاساسەن بىر سەپتە تۇردۇق، دېدى.

  گېرمانىيە «ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىرامپ يەنە بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، «گېرمانلار بەك ئەسكىكەن»، «قاراڭلار، گېرمانلار ئامېرىكىدا مىليونلاپ ئاپتوموبىل سېتىۋاتىدۇ، بۇ سان نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق، بىز بۇنداق ھادىسىنى توختىتىشىمىز كېرەك» دېگەن، ئەمما ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى جۇنكىرنىڭ «ناھايىتى سىپايە، دوستانە، ئەمما پوزىتسىيەسى قاتتىق» قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

  ئىككى تەرەپ سودا مەسىلىسىدە تازا خۇشال پاراڭلىشالمىدى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي راسخوتى مەسىلىسىدىمۇ ئىختىلاپتىن قۇتۇلالمىدى. تىرامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا كونا گېپىنى يەنە قىلىپ، 28 ئەزا دۆلەتنىڭ 23ى تاپشۇرغان ھەربى راسخوت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2ىلىك ئۆلچەمگە يەتمىدى، بۇنداق پۇرسەتپەرەسلىك قىلمىشى ئامېرىكىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئادىلسىزلىق، دەپ تەنقىد قىلدى. ئەمما شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك چىقىمىنى ھەربىي راسخوت دەپ قارىۋالماسلىق كېرەك، تاشقى تەرەققىيات ياردىمى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تاپشۇرغان بەدەل پۇلىمۇ بىر خىل خەۋپسىزلىك چىقىمى، مۇشۇلارنىمۇ ھېسابلىساق، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەۋپسىزلىك چىقىمى تامامەن ئۆلچەمگە يېتىدۇ، دېدى.

  ياۋروپا رەھبەرلىرىنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرگىنى، تىرامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغاندا «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى»نىڭ بەشىنچى ماددىسى، يەنى كوللېكتىپ مۇداپىئە ماددىسىدىكى ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىمەي، 1949-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئادىتىنى بۇزدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى راسموسسىن ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: تىرامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ بەشىنچى ماددىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ، ناۋادا ئۇ ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قايىل قىلالمىسا، ياۋروپادا نۇرغۇن ئىناۋىتىنى يوقىتىدۇ.

  كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدىمۇ تىرامپ مەيدانىنى ئۆزگەرتمىدى. يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا كىلىمات ئۆزگىرىشى سىياسىتى ۋە «پارىژ كېلىشىمى»نى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ قارالمىلاردا باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىدى، باشقا ئالتە دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن تۇسىك بىلەن جۇنكىر «پارىژ كېلىشىمى»نى تېزدىن ئىجرا قىلىش قەتئىي ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى.

  تىرامپ بىلەن ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەردىكى ئوخشاش بولمىغان پىكىرلىرى تىرامپنىڭ ياۋروپاغا زىيارەتكە بېرىشى بىلەن تۈگىمىدى. ياۋروپا كەلگۈسىدە تىرامپ ھۆكۈمىتى بىلەن قانداق ئالاقە قىلىدۇ، ئومۇملۇقنى كۆزلەپ مادارا قىلىپ تۇرامدۇ ياكى ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا ئىش قىلامدۇ، بۇ ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر مەسىلە. ئامېرىكا ياۋروپا مۇناسىۋىتى قاياققا ماڭىدۇ، كىشىلەر بۇنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر