- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بالىلار سىياسىتىنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىندى
2017.06.02 15:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىقى تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلغان «جۇڭگو بالىلار سىياسىتىنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى 2017» بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. مەزكۇر كۆرسەتكۈچتە كۆرسىتىلىشىچە، 2015- يىلى، جۇڭگو بالىلار سىياسىتىنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىنىڭ ئالدىنقى 10 ئورنىدا تۇرغىنى تۆۋەندىكى ئۆلكىلەر بولۇپ، ئۇلار تەرتىپ بويىچە: بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭسۇ، خۇبېي، چۇڭچىڭ، شەندۇڭ، تيەنجىن، نىڭشيا ۋە خېيلوڭجياڭ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن، بالىلار سىياسىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىر قەدەر مۇقىم بولىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە، بولۇپمۇ، سىچۈەن، گۇيجۇ، گەنسۇ قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىدە بالىلار سىياسىتىنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىنىڭ رەت تەرتىپى داۋاملىق ئۆرلىگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر