خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 1-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېرلىندىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېينمېير بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ستېينمېيرغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-گېرمانىيە يۇقىرى قاتلىمىنىڭ قويۇق ئالاقىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە خەلقئارادىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە ئېنىقسىز، مۇقىمسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، شۇنداقلا تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىقتىن ئىبارەت چوڭ يۈزلىنىش ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى توساپ قالغىلى بولمايدۇ. بۇ قېتىملىق زىيارەت جەريانىدا، جۇڭگو-گېرمانىيە دۇنيا ۋە كۆپ تەرەپنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇشنى قوللاش جەھەتلەردە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، بۇ دۇنياغا بېرىلگەن مۇقىملىق سىگنالى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى