باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ 4-قېتىملىق چوڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

2017.06.01 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» نىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، 2017-يىللىق پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، 4-قېتىملىق چوڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ قېتىمقى چوڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى تۆۋەندىكى بەش مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، ئاساسلىقى: پولات-تۆمۈر، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر قاتارلىقلار كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، ئۆي-زېمىن ئامبار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەقلەرنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىشى، ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش، ئاساسلىقى: مۇلازىمەت ئىستېمالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، مەركەز خامچوتىدىكى مەبلەغ سېلىش تۈرى قۇرۇلۇشى، تۆمۈر يول، يول، شەھەر يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى ۋە «13-بەش يىللىق» 165 تۈرلۈك مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرى قۇرۇلۇشى، ئەل ئارا سېلىنما ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مالىيە چۆكمە مەبلىغىنى جانلاندۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى، يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش، ئاساسلىقى: ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىشنى تېزلىتىش، ئەمەلىي ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» پىلانىنى يولغا قويۇش، تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى مەملىكەت بويىچە مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسلىقى: ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش، مەملىكەت بويىچە داۋالاش سۇغۇرتىسى ئۇچۇرلىرى تورىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، داۋالاش بىرلەشمىسى قۇرۇلۇشى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلارنى ئازايتىش ۋە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، بولۇپمۇ تۇمان-تۈتەكنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەشىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەردە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاساسلىقى: ناچار مۈلۈك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ساقلانما قەرزىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە زەربە بېرىش، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ «ھەممە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە» قاتارلىقلار بويىچە ئاشكارا ۋەدە بېرىش ئىشلىرى، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پروگراممىسىنىڭ مۇھىم نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر