باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىش تەلەپ قىلىندى

2017.06.01 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋالغان ياكى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتقانلار ئەگەر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش ئېغىرلىقى 250 گىرام (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن يۇقىرى بولسا، چوقۇم خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان «پۇقراۋى ئادەمسىز ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىشى لازىم. 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن كېيىن ئەگەر يەنىلا رويخەتكە ئالدۇرمىغان بولسا، قىلمىشى قانۇنسىز دەپ قارىلىدۇ، ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلاننى ئىشلىتىشمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

  خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ رۈيچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تىزىملاش تۈزۈمى خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان بىر خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى. 5- ئاينىڭ 18-كۈنى، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى تىزىملاش سىستېمىسىنى تاماملىدى ھەمدە ئىشقا كىرىشتۈردى.

  بەلگىلىمە بويىچە، پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساش كارخانىلىرى ۋە پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىگىلىرى «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاش سىستېمىسى»( https://uas.caac.gov.cn)دا ھېساب ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساش كارخانىلىرى بۇ سىستېمىدا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇشى كېرەك؛ پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىگىلىرى بۇ سىستېمىدا ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىشى ھەمدە سىستېمىدا بېرىلگەن تىزىملاش بەلگىسىنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىغا چاپلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر