خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ماي چۈشتىن بۇرۇن، 2017-يىللىق جۇڭگو تېكەس 5-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ مەدەنىيەت-ساياھەت پەسلى» پائالىيىتى ۋە جۇڭگو تېكەس 6-نۆۋەتلىك دۆلەت ئىلمى. پالنامە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش يىغىنى، جۇڭگو تېكەس 6-نۆۋەتلىك خەلقئارا فوتو سۈرەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تېكەس مەدەنىيەت-تەنتەربىيە كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن 1000دىن ئارتۇق ساياھەتچى «100 جۈپ كۆز، بىر يۈرەك- شىنجاڭدىكى 100 كىچىك فوتوگرافنى يېتىشتۈرۈش پىلانى»نىڭ قوزغىتىش مۇراسىمى ۋە فوتو سۈرەت ئىجادىيەت بازىسىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا شاھىت بولدى.
ئاۋۋالقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يىلقى «تەڭرىتاغ مەدەنىيەت-ساياھەت پەسلى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. شۇنىڭغىچە خەلقئارا فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، پالنامە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىغىنى، دۆلەت ئىلمى دەرسخانىسى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆرپ-ئادىتى يىغىنى، 10 مىڭ كىشىلىك تەيجى گۇمپىسىدا ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى