باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپ قىسىم جايلار «ھاراقنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى» نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ئېلان قىلىپ، بەلگىلىمىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتى

ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ھاراق ئىچىش ئېنىق مەنئى قىلىندى

2017.05.31 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 3-ئايدا، چۇڭچىڭ شەھىرى شاپىڭبا رايونى ھاراق ئىچىشنى مەنئى قىلىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇپ، خىزمەت ۋاقتىدا ۋە ھۆكۈمەت ئىشىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەر ياكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن مېھمان كۈتكەندە ھاراق ئىچمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە كۆپ قىسىم جايلار «ھاراق ئىچىشنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى» نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن مېھمان كۈتۈش ياكى پائالىيەت جەريانىدا ھاراق ئىچىش قىلمىشلىرىنى چەكلەشكە دائىر تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كادىرلارنى ھۆكۈمەت ئىشىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەردە ھاراق ئىچىشنى مەنئى قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئاڭلىقلىق شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلىگەن.

  ئىگىلىنىشچە، 2013-يىلى 12-ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن مېھمان كۈتۈشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نى بېسىپ تارقىتىپ، خىزمەت تامىقى ئادەتتىكى قورۇمىلار بولۇشى، تاماكا ياكى ئالىي ھاراقلار بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى. يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ھاراقنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى» نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىدا، ۋاقىت، سورۇن، ئىچىملىك تۈرى قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى چەكلىمە دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى. مەسىلەن: خىزمەت كۈنىدىكى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ھاراق ئىچىشكە يول قويۇلماسلىق، خىزمەت كۈنىدە، خىزمەت ۋاقتىدا ھاراق ئىچىشكە يول قويماسلىققا كېڭەيتىلدى، دىپلوماتىيە ئىشلىرى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋالدا تەستىقلىتىپ ھاراق ئىچكەندىن سىرت، ھۆكۈمەت ئىشىغا ئالاقىدار باشقا مېھمان كۈتۈشتە ھاراق ئىچىش بىردەك مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئالىي ھاراق بىلەن تەمىنلەشكە يول قويماسلىقتىن، ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ياكى ھەرقانداق ھاراق بىلەن تەمىنلەشكە يول قويماسلىققىچە ئىنچىكلەشتۈرۈلدى.

  جايلارنىڭ قايتما ئىنكاسىدىن قارىغاندا، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش ئاساسەن تۈگىتىلگەن، بىراق «ھاراق رومكىسىنى كۆتۈرىۋالسا ئىشى راۋان بولۇش» تەك خاتا قاراش تۈگىتىلگىنى يوق. ھۆكۈمەت ئىشلىرى پائالىيىتىدە ھاراق ئىچىشكە جۈرئەت قىلالماي، شەخسىي يىغىلىشلاردا قۇلاقلىرىغىچە پوكاندەك قىزىرىپ كەتكۈدەك ئىچىۋېلىش؛ چۈشلۈك دەم ئېلىشتا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئىچىشكە جۈرئەت قىلالماي، كەچلىك تاماق، كېچىلىك تاماقتا «تولۇقلاش» مەسىلىلىرى مەۋجۇت.

  بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا جايلار نازارەتچىلىك ۋە ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا كۈچىشى كېرەك.

  بۇ يىل 3-ئايدا، بېيجىڭ شەھىرى يەنچىڭ رايونلۇق پارتكوم، رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «قىزىل ھۆججەت» شەكلىدە مەسئۇل ھۆكۈمەت خادىملىرىغا «ھاراقنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى» چۈشۈردى. «ئىلگىرى ھاراقنى مەنئى قىلىش قىيىن بولۇشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى شۇكى، ئورۇنلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان». يەنچىڭ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاۋ چۈنشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «ھاراقنى مەئىي قىلىش بۇيرۇقى» نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، جازا پىرىنسىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن بىللە، رەھبەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلدى، ئالاقىدارلارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە ئاساسلىق رەھبەرلەر ۋە ئاساسلىق مەسئۇل رەھبەرلەرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر