باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى باشقا جايغا يۆتكەپ ئۇلاپ تاپشۇرۇش سۇپىسى 6-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ

2017.06.01 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى بىرلىشىپ يېقىندا «مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ 2016-يىللىق دوكلاتى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دوكلات» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش سوممىسى 1 تىرىليون 656 مىليارد 288 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %13.84 ئاشقان. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش سوممىسى 10 تىرىليون 609 مىليارد 176 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %18.55 ئاشقان، تاپشۇرۇلغان قالدۇق سوممىسى 4 تىرىليون 562 مىليارد 785 مىليون يۈەنگە يېتىپ بۇلتۇرقىدىن %12.18 ئاشقان. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ يىللىق تاپشۇرۇش سوممىسى ئىككى خانىلىقتىن يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىغان. تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىزچىل كۆپىيىش ئامىلىدىن باشقا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مائاش كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىمۇ بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبى. مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە تاپشۇرۇش سوممىسى 12 مىڭ 700 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.99 ئاشقان.

  ئىگىلىنىشىچە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى باشقا جايغا يۆتكەپ ئۇلاپ تاپشۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا يولغا قويۇلۇپ، «ھېسابات كىشىگە ئەگىشىپ مېڭىش، پۇل ھېساباتقا ئەگىشىپ مېڭىش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باشقا جايدا قەرز ئېلىش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ رايون ھالقىپ تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىشتىكى مەبلەغ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر