باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يولداش خۇاڭ دانيەننىڭ ئىلغار ئىش-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

ۋەتەننى سۆيۈش مۇھەببىتى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ۋەتەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك

2017.05.26 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يولداش خۇاڭ دانيەننىڭ ئىلغا ئىش-پائالىيەتلىرىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش خۇاڭ دانيەن پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش غايىسىنى تىكلەپ، ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ، پەن تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى، ئۇنىڭ ئىلغار ئىش-پائالىيەتلىرى كىشىنى بەك تەسىرلەندۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر يولداش خۇاڭ دانيەننى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئۇلۇغۋار غايىنى پۈكۈپ، سادىقلىق بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتەك ۋەتەننى سۆيۈش خىسلىتىدىن، ھەم ئوقۇتۇش ھەم ئادەم تەربىيەلەش، باشلامچىلىرىدىن بولۇشتەك كەسىپنى قەدىرلەش روھىدىن، نام-مەنپەئەتكە بېرىلمەي، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك ئالىي پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىمىزنى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىمىزنى ۋەتەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا، خەلقنىڭ تارىخنى يارىتىش ئۇلۇغۋار كۈرىشىگە سىڭدۈرۈپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن، خىزمەت ئورنىمىزدىن باشلاپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتىمىز، كۈچ-قۇدرىتىمىزنى تەقدىم قىلىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر