باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىك كومىتىتې 12-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلام نەتىجىسىنى جەزملەشتۈردى

2017.05.31 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 30- مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىك كومىتىتې شۇ كۈنى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان 12-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلام نەتىجىسىنى جەزملەشتۈرگەن. ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سامانىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ خەۋەر قىلىنىشىچە: ئىران ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىك كومىتىتې 12-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى نەتىجىسىنى جەزملەشتۈرۈپ ماقۇللىغان.

  ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 20-ماي ھازىرقى زۇڭتۇڭ روھانىينىڭ %57 سايلام بېلىتىگە ئېرىشىپ، ئىراننىڭ 12-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يېڭىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئىران زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ تەرتىپى بويىچە، سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چوقۇم ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش كومىتېتى ئېتىراپ قىلىشى، ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلغۇچىنى يەنە چوقۇم ئەڭ يۇقىرى داھىي تەيىنلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر