باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.05.27 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا يازغان تەبرىك خېتى

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى 60 يىلدىن بۇيان بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى زور پەن-تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، خەلقئارادا ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە زور بىر تۈركۈم ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدىكى زور بىر تۈركۈم غوللۇق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرى تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى بولۇپ، ئۇزاق تېرىقچىلىق تارىخى ۋە شانلىق تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىگە ئىگە. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن-تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا. مەۋقەنى ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى رىقابىتىدە پايدىلىق ئېگىزلىكنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئېلىمىز پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتىدىن يېزا ئىگىلىكىدە قۇدرەت تاپقان دۆلەتكە ئايلىنىشىنى پۇختا پەن-تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتىدىكى دۆلەت كوماندىسى بولۇش سۈپىتىدە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي جەڭگاھىغا يۈزلىنىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى پەن ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەن تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، چوققىغا باتۇرلۇق بىلەن يامىشىپ، باشلامچىلىق بىلەن ھالقىپ، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ

  2017 -يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، قىيىنچىلىقلارنى ئارقىمۇئارقا يېڭىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر تۈركۈم پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم پەن- تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن. سىلەرنىڭ ئۈمىدنى ئاقلاپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىدىكى «كەمتۈكلۈك»نى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ سالمىقى بار پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر