5-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئارتىسلار شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا سېرىك نومۇرى كۆرسەتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا سېرك تەنتەنە بايرىمى تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلدە شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى. رۇسىيە، كولۇمبىيە، كۇبا، قازاقىستان قاتارلىق 11 دۆلەتنىڭ سېرك ئارتىسلىرى تاماشىبىنلارغا نادىر سېرك نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى سېرك تەنتەنە بايرىمى بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملىشىدىغان بولۇپ، جەمئىي 100 مەيدان قويۇلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى