باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.05.25 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 24-ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسى تەسىس قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ كەسىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە چوڭقۇر ئىلگىرى سۈۈرپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، قولاي تىجارەت مۇھىتى يارىتىش؛ كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ كېيىنكى ئۈچ يىللىق نىشان، ۋەزىپىلىرىنى بېكىتىش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسىنى ئېنىقلاش ۋە بېكىتىش-ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. 2014-يىلىدىن بۇيان، ئەسلىدىكى كەسپىي سالاھىيەتنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىكى قانۇن-نىزام ئاساسى كەمچىل، زىيادە كۆپ ۋە قالايمىقان بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، گوۋۇيۈەن ئومۇمىي ساننىڭ %70 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان 434 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەتنى يەتتە تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. كەسپىي سالاھىيەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش يولىغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يىغىندا مۇنداق بەلگىلەندى: بىرىنچىدىن، دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىپ، تىزىملىك شەكلىدىكى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە بىرلەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق يەنە بىر تۈركۈم كەسپىي سالاھىيەتنى قىسقارتىپ، زىيادە ئارتۇق كەسپىي سالاھىيەتنى مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈش كېرەك. رايونلار، تارماقلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان كەسپىي سالاھىيەتنى «قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش» نىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، بۇنىڭدىن كېيىن، تەستىقلاتماي تۇرۇپ دۆلەت كەسپىي سالاھىيەتنى تىزىملىكتىن سىرت ئۆز ئالدىغا تەسىس قىلىشقا، كەسپىي جەمئىيەتلەر ۋە ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن سالاھىيەت ۋە ئىقتىدار ئىجازىتىنى ئېتىراپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئىجازەت بېرىش تۈرىدىكى كەسپىي سالاھىيەت چېتىلىدىغان كەسىپ (ئىش تۈرى) جەزمەن جامائەت بىخەتەرلىكى، جىسمانىي ساغلاملىق، ھايات ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ھەم قانۇن-بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ئاساسى بولۇشى كېرەك؛ تەسىس قىلىش سەۋىيەسىنى باھالاش تۈرىدىكى كەسپىي سالاھىيەت كۈچلۈك كەسىپچانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئورتاق قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولۇشى، تېخنىكا، ماھارەت تەلىپى يۇقىرىراق بولۇشى، كەسپىي باشقۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىغا ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىق كەسىپ ياكى ئىش تۈرى بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان كەسپىي سالاھىيەت جەزمەن دۆلەت مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلىشى ھەم جانلىق تەڭشىلىشى كېرەك. كەسپىي سالاھىيەت تەسىس قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە كىرگۈزۈش، مۇندەرىجىدىن چېكىندۈرۈشتە، جەزمەن باھالاپ دەلىللەش، بولۇپمۇ يېڭى تەسىس قىلىنغان كەسپىي سالاھىيەت بويىچە جەمئىيەتنىڭ پىكرىنى ئېلىش ھەم گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش كېرەك. سالاھىيىتى ۋە ئىقتىدارى بارلارنىڭ ھازىرلاشقا تېگىشلىك كەسپىي سالاھىيىتىنىڭ يوقلىقى سەۋەبلىك زور سەۋەنلىك كۆرۈلسە، ئىجازەتنى بېكىتكۈچى ئورۇنمۇ مۇناسىپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر