باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 3-تۈركۈمدىكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلاشتى

4018 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى

2017.05.31 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەزنىڭ 3-تۈركۈمدىكى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن يەتتىسى 24-ئاپرېلدىن 28-ئاپرېلغىچە تيەنجىن، سەنشى، لياۋنىڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، خۇنەن، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكە(شەھەر)يەرنى كۆزەتتى. 28-مايغىچە، يەتتە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈنلەي تاماملاپ، يەتتە ئۆلكە، شەھەردىن 4018 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى.

  ئۆلكە(شەھەر)لەرگە چۈشكەن بىر ئايدىن بۇيان، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 353 رەھبىرىي كادىر بىلەن ئايرىم پاراڭلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەردىن 167سى، تارماق ۋە ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىدىن 186سى بار. ئۆلكە دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇندىن 139نى زىيارەت قىلىپ سۈرۈشتۈردى، 54 مىڭدىن ئارتۇق ماتېرىيالنى ئالدۇرۇپ كۆردى، 84 ۋىلايەت-شەھەر (رايون، ناھىيە)نى چوڭقۇر ياكى تولۇقلاپ نازارەت قىلىپ تەكشۈردى ۋە بىر تۈركۈم پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان سېلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئامما ئەرز قىلغان، پاش قىلغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، جايلارنى مېخانىزم ئورنىتىش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئۆزگەرتىش، ئاشكارا بولۇشنى كۈچەيتىش، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئامما پاش قىلغان ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت مەسىلىسىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشقان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر