باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: تىرىشىپ قۇدرەتلىك، زامانىۋىلاشقان دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك

2017.05.25 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ماي چۈشتىن بۇرۇن دېڭىز ئارمىيەسى ئورگىنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن دېڭىز ئارمىيەسى 12-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، دېڭىز ئارمىيەسىدىكى بارلىق كوماندىر-جەڭچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دېڭىز ئارمىيەسى ئىستراتېگىيەلىك ئارمىيە تۈرى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشنى نىشانلاپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ قۇدرەتلىك، زامانىۋىلاشقان دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۇ كۆپ قېتىم دېڭىز ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30لەردە دېڭىز ئارمىيەسى ئورگىنىغا كېلىپ، دېڭىز ئارمىيەسى 12-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى ئورگىنىدىكى شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قوماندانلىق زالىغا كېلىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈندىكى دېڭىز-ھاۋا ئەسكىرىي كۈچى پائالىيەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، دېڭىز ئارمىيەسى مۈشكۈل ھەربىي ئىشلار ۋەزىپىلىرىنى زىممىسىگە ئالدى، شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 1-سەپتىكى ۋەزىپە قىسىملىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق دېڭىزدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان دېڭىز ئارمىيەسى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ يىراق ئوكياندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان 150 ناملىق سەپ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى. ئۇلار شى جىنپىڭغا ئۆزىنىڭ سەپەرگە چىققان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بەش دۆلەتتە زىيارەتتە بولغانلىقى، بارغانلا جايدا قىزغىن قارشى ئېلىنغانلىقىنى دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئۇلارغا ياخشى دوستلۇق يەتكۈزۈش ئەلچىسى بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى تاپىلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيەلىك چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان 538-ناملىق ھەربىي پاراخوت بىلەن تېلېفونلاشتى، بۇ قىسىمنىڭ ئۇزاق يىل ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن شى جىنپىڭ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: سىلەر دولقۇن يېرىپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ جاپا چەكتىڭلار! يولداشلارنىڭ بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر