باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، «‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «مەركەزنىڭ ئىدېئولوگىيە ئورۇنلىرىنى كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتى» نى قاراپ چىقتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.05.27 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 26-ماي يىغىن ئېچىپ، «‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «مەركەزنىڭ ئىدېئولوگىيە ئورۇنلىرىنى كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتى» نى قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى يولغا قويۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك ۋە ئاممىنىنڭ نازارىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كۆزىتىش خىزمىتى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، شۇنداقلا ماھىيەتتىن تۈزەشنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، جەزمەن چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا چىڭ تۇرۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: كۆزىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتە، جەزمەن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-،4-،5-،6-ئومۇمىي يىغىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىن كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا قارىتىپ، پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىچى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «نىزام» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە يەكۈنلەشتە كۆزىتىش خىزمىتى ئەمەلىيىتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىنى كۆزىتىش خىزمىتى، ناھىيە، شەھەرلەرنى كۆزىتىش خىزمىتى، بىر قارارلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى كۆزىتىش بىلەن تولۇق قاپلاش قاتارلىقلاردا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرۇش، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر