باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىللىق سودا يەرمەنكىسى 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

60دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلار يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ

2017.05.26 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 24-ماي، 2017-يىللىق (جۇڭگو) ياۋرو-ئاسىيا تاۋار سودا يەرمەنكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹سودا يەرمەنكىسى› دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلغان. بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «يىپەك يولى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىگە بەش قىتئەدىكى 60دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون قاتنىشىدىكەن، يەرمەنكىگە قاتنىشىدىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سانى 2015-يىلىغا قارىغاندا %10 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» ياقىسىدىكى دۆلەت ۋە رايونلار 36گە يەتكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە ئورنىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 62 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 2015-يىلىدىكىگە قارىغاندا %48 ئاشقان. توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كۆرگەزمىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى، ئېسىل يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى، ساياھەت مەدەنىيىتى كەسپى كۆرگەزمىسى، تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كەسپى كۆرگەزمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، شۇنداقلا خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننىڭ نەپىس بۇيۇملار كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت يەتتە چوڭ كۆرگەزمە رايونى لايىھەلىنىپ تەسىس قىلىنغان. ئۇندىن باشقا شىنجاڭ نەپىس بۇيۇملار سارىيى ۋە خەلقئارا نەپىس بۇيۇملار سارىيى تەسىس قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر