مۇخبىر دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 5-ئاينىڭ 25-كۈنى «چېگرا بىرلەشمە ھەرىكىتى-2017» ناملىق مانېۋىر ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى مانېۋىر يولداش شى جىنپڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرانى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى كوماندىر - جەڭچىلەر، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ج خ ساقچىلىرى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەش كۈچلىرىنىڭ بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.
بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئاپتونوم رايون تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلقنىڭ چېگرا مۇداپىئە بىرلەشمە مانىۋېرى ھېسابلىنىدۇ. مانېۋىردا چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىمىزنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى پەرەز قىلىنىپ، بۇ ئارقىلىق بۇ تەشكىلات ئەۋەتكەن خادىملارنىڭ چېگرادىن كىرىشى، ئوغرىلىقچە قورال، ئوق-دورىلارنى يۆتكەش، چېگرا سىرتىدىكى مەشىق لاگېرى ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغاش ئەھۋالى ئىگىلىنىپ، ئەمەلىي مەشىق، ھەقىقىي ئوق، ئەمەلىي ئۇرۇش، يەر يۈزى بىلەن ھاۋا بوشلۇقى، چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر ھەمكارلىشىش، ئومۇمىي دائىرىلىك، ئىستېرېئولۇق تەكشۈرۈپ زەربە بېرىش شەكلى قوللىنىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلقتىن ئىبارەت «ئالتە بىر گەۋدىلەشكەن» مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنىڭ ۋاقتىدا بايقاش، قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، كۈچلۈك زەربە بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللار نامايان قىلىندى. مانېۋىردا «بىرلەشمە ئارقا سەپ، بىرلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇش» ئاساسىي لىنىيەسى چىڭ تۇتۇلۇپ، پورتلاردا ئەتكەسچىلەرنى تەكشۈرۈش، بىرلەشمە زەربە بېرىش، قوراللىق ھەيۋە كۆرسىتىش، نۇقتا بەلگىلەپ تازىلاش قاتارلىق ئەمەلىي مەشىق ئارقىلىق، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلقتىن ئىبارەت «ئالتە بىر گەۋدىلەشكەن» چېگرانى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش-قۇرۇش مېخانىزمى تەكشۈرۈلۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش سادىق، باتۇر، ھەممىدە غالىب كېلىدىغان «جەڭ قىلالايدىغان، قاتتىق جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلبە قىلالايدىغان» قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقى ۋە بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈم قىلىش، ئىستېرېئولۇق ئالدىنى ئېلىش، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، دەل جايىدا زەربە بېرىشتىكى بىرلەشمە جەڭ قىلىش ئىقتىدارى تولۇق نامايەن قىلىندى. چېگرا رايوننى مۇقىم قىلىش، چېگرانى مۇستەھكەملەش، چېگرانى تىنچلاندۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ يەنىمۇ مۇجەسسەملىنىپ، يىمىرىلمەس، پولاتتەك مۇستەھكەم چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسى بەرپا قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىسىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دائىم تەييار تۇرۇپ، زەربە بېرىشكە تەق تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن چېگرا مۇداپىئە-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا غەلبە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.
مانېۋىردا ئۈرۈمچىدە ئاساسىي مەيدان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا شۆبە مەيدان تەسىس قىلىندى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىئە ۋە ج خ ئورگىنىدىكى 4000 ساقچى، ئوفىتسېر-ئەسكەر مانېۋىرغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ رەھبەرلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ مانېۋىرغا يېتەكچىلىك قىلدى ھەم مانېۋىرنى كۆردى.