باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ئۇيغۇرچە نۇسخىسى يازغۇچىلار ۋە تەرجىمانلار تەربىيەلەش كۇرسى چيەننەندە ئېچىلدى

2017.05.27 14:37   مەنبە: خەلق تورى

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ئۇيغۇرچە نۇسخىسى يازغۇچىلار ۋە تەرجىمانلار تەربىيەلەش كۇرسى چيەننەندە ئېچىلدى

  2017- يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ئۇيغۇرچە نۇسخىسى يازغۇچىلار ۋە تەرجىمانلار كۇرسى ئېچىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22 - مايدىن 25- مايغىچە، 2017- يىللىق «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ئۇيغۇرچە نۇسخىسى يازغۇچىلار ۋە تەرجىمانلار كۇرسى ۋە كۆپ مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ چيەننەنگە نەزەر پائالىيىتى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ چيەننەن بۇيى- مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ نەسر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈسەي، شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئازاد سۇلتان، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى جاۋ يەنبياۋ، ئىشتات كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەكبەر غۇلام، گۇيجۇ ئۆلكىسى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلىك مۇئاۋىن رەئىسى گاۋ خوڭ، چيەننەن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى خۇ شياۋجيەن، ج ك پ چيەننەن ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئوبلاستلىق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ گۇاڭشىڭ، داليەن شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇ سى، «تاللانما ھېكايىلەر ژۇرنىلى» تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گۇ جيەنپىڭ، باجىن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى جاۋ جى، گۇيجۇ ئۆلكىسى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى كۇڭ خەيرۇڭ، چيەننەن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مېڭ شۆشياڭ قاتارلىقلار كۇرسنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شىنجاڭ، بېيجىڭ ۋە سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 15 نەپەر ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە تەرجىمان، ھەمدە 13 نەپەر باشقا مىللەت يازغۇچىلىرى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. تەربىيەلەش مەزگىلىدە، ئازاد سۇلتان، ئەكبەر غۇلام، گۇ سى، گۇ جيەپىڭ قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئازاد سۇلتاننىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى ئەدەبىياتنىڭ قىممىتى ۋە يازغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقى دېگەنلەر بولۇپ، بۇنىڭدا، يازغۇچىلار ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەرەققىياتى دېگەن بۇ باش تېمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەكبەر غۇلام شىنجاڭلىق يازغۇچىلارنى «بىر بەلباغ، بىر يول» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەرجىمە جەھەتتىكى نادىر ئەسەر ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلغان. گۇ سى نەسر ئىجادىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا پىكىر بايان قىلىپ، يازغۇچىلار نەسر يازغاندا چىنلىققا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكى، ئەلۋەتتە بەزىدە مۇۋاپىق تۈردە مۇبالىغە ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ بولىدىغانلىقى، ئەمما، ئەسەرنىڭ بۇ خىل ھەقىقىي قۇرۇلمىسىنى زەخىملەندۈرۈش ھەتتا ئۇنى ئاجرىتىۋېتىشقا بولمايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى سۆزلىگەن. نۆۋەتتە نەسر ئىجادىيىتى كۈنسېرى كۆپ مەنبەلىشىپ كەتمەكتە، لېكىن ئەڭ ياخشىسى مول كەچۈرمىشلەر ۋە بىلىملەر ئالدىنقى شەرت قىلىنىشى كېرەك. گۇ جيەنپىڭ «تاراتقۇلار دەۋرىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت»نى سۆزلىگەندە، يازغۇچىلار ھەم ئەنئەنىۋى مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئېلان قىلسىمۇ، ھەم توردا ئۆز ئەسىرىدىن باشقىلارنى تەڭ بەھرىمەن قىلسىمۇ بولىدۇ. شۇنداق قىلغاندا، تالانتلىق يازغۇچىلار كۆمۈلۈپ قالمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھىمى كۆڭلىنى توختىتىپ ياخشى ئەسەر يېزىش كېرەك، دەپ قارىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گۇگۇڭ سارىيى مەدەنىيەت كەچۈرمىشى دەرسخانىسى باڭكوكتا دەرس تەسىس قىلدى 
    ·بالىلارغا يىڭنە سانجىغان يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى بىلەن قاماق جازاس…
    ·شىنجاڭنىڭ پىسخىكا مۇتەخەسىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئىمتىھاندا تەمكىن بولۇش كېرەكلىكىنى ئې…
    ·جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مائارىپىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق
    ·دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا «ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان دۆلەتلىك…
    ·بۇ يىل پىلان بويىچە 80 مىڭ ئالاھىدە شتات ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى پۈتتى
    ·ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت دائىرىسىدىن 22 مىڭ 972 ئوقۇتقۇچىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئوقۇغۇچىلار…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2017-يىللىق جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىم…