باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لۇ ئېنگۇاڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2017.05.26 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لۇ ئېنگۇاڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق مەسىلىسى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلاندىكى، لۇ ئېنگۇاڭنىڭ يېشى، پارتىيەگە كىرىش ماتېرىيالى، خىزمەت تارىخى، ئوقۇش تارىخى ۋە ئائىلە ئەھۋالى دېگەندەكلەر ئومۇميۈزلۈك ساختا بولۇپ، ئۇ، تەشكىلگە ئۇزاق مۇددەت كۆز بويامچىلىق قىلغان؛ پۇل ئارقىلىق يول ئېچىپ، يول بويى مۇناسىۋەت باغلاپ، ئەمەلدارغا خۇشامەتلىك قىلىپ ۋە نامنى كۆزلەپ، بىر شەخسى كارخانىچىدىن بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر بولغان؛ ھەم ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەم سودا قىلىپ، نۇرغۇن كارخانىلارنى باشقۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، ناتوغرا ئۇسۇل ئارقىلىق كارخانىلىرى ئۈچۈن مەنپەئەتكە ئېرىشكەن؛ تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن. ۋەزىپە ئۆستۈرۈش ۋە كارخانا تىجارىتى دېگەندەك جەھەتلەردە نامۇۋاپىق پايدىنى كۆزلەپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە زور سوممىلىق پۇل-ماللارنى بېرىۋەتكەن. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرى پارا بېرىش جىنايىتىگە چېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر