باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇشنىڭ 2017- يىللىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى

2017.05.25 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24 - ماي، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇشنىڭ 2017- يىللىق خىزمىتىنىڭ سىن يىغىنى ئېچىلىپ، بۇ يىلقى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، شىنجاڭ تەۋەسىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل يازلىق تەتىللىك توشۇشتىكى ئومۇمىي ئادەم سانى 134 مىڭ 262 ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن. بۇلار، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى بارلاردىن 93 مەكتەپ، ئىچىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى بارلاردىن 33 مەكتەپ، نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان سىنىپلىرى بارلاردىن سەككىز مەكتەپ، رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز سىنىپلىرى ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى بارلاردىن 24 مەكتەپ دېگەندەك مەكتەپلەردىن يۇرتىغا ۋە مەكتەپكە قايتىدىغان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار جەمئىي 687 تۈركۈم (قېتىم)لىق توشۇشنى، يەنى، (بۇنىڭ ئىچىدە، يۇرتىغا قايتىدىغانلار 403 تۈركۈم، 67 مىڭ 603 ئادەم (قېتىم)؛ مەكتەپكە قايتىدىغانلار 284 تۈركۈم، 66 مىڭ 659 ئادەم (قېتىم))لىق توشۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، 8- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 9- ئاينىڭ بېشىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىچكىرىگە بېرىپ ئوقۇيدىغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە شىنجاڭ كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 13 مىڭدىن ئارتۇق يېڭى ئوقۇغۇچى ئۈرۈمچى ۋە سانجىدىكى بىر نەچچە يېتىشتۈرۈش نۇقتىلىرى تەرىپىدىن تۈركۈمگە ئايرىلىپ، مەركەزلىك ھالدا ئۇلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇش، تەربىيەلەش ۋە يولغا سېلىش دېگەندەك خىزمەتلەر ئىشلىنىدىكەن. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، مائارىپ نازارىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، سانجى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە سانجى ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى دېگەندەك ئىدارىلەر بىلەن مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىكى مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر