باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇرۇقلۇق رايونىنى قوغداش كۆلىمى دۆلەت زېمىنى يەر كۆلىمىنىڭ %18نى ئىگىلەيدۇ

2017.05.24 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22-ماي 24-قېتىملىق خەلقئارا جانلىقلار كۆپ خىللىقى كۈنى، مۇئاۋىن مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئېلىمىزنىڭ تۈرلۈك قۇرۇقلۇق رايونلىرىنى قوغداش كۆلىمى بىر مىليون 700مىڭ كىۋادرات كېلومتىر، قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمىنىڭ %18نى ئىگىلىگەن بولۇپ، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»دا تەلەپ قىلىنغان 2020-يىلغىچە %17كە يەتكۈزۈش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، ئېلىمىز جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» ۋە ئۇنىڭ كېلىشىمنامىسىنى پائال ئىجرا قىلغان ھەمدە 2020-يىللىق «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نىڭ 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپ يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ھازىر مەملىكەت بويىچە %90دىن كۆپرەك قۇرۇقلۇق تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى تۈرى، %89 دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار ئۆسۈملۈكلەر تۈرى شۇنداقلا كۆپ ساندىكى مۇھىم تەبىئىي خارابىلىكنىڭ ھەممىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا قوغدالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر