- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىران زۇڭتۇڭى روھانى ئامېرىكىنى ئىرانغا قاراتقان سىياسىتى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىشىشقا دەۋەت قىلدى
2017.05.24 15:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران زۇڭتۇڭى روھانى 22-ماي، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان دۈشمەنلىشىش سىياسىتى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
روھانى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان بېسىم ئىشلىتىش ۋە جازالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىتى ئىزچىل تۈردە مەغلۇپ بولۇپ كەلدى.
ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قوش ئۆلچەملىك سىياسەت ئۈستىدە ئويلىشىشىدىن سىرت، باشقا تاللىشى يوق. روھانى يەنە مۇنداق دېدى: ئەگەر تېخنىكا جەھەتتە موھتاج بولسا، ئىران ھەر قانداق ۋاقىتتا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىدۇ. بىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىمىز مۇداپىئەلىنىش ۋە تىنچ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. روھانى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىراندىن مۇداپىئەلىنىش خاراكتېردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش پەقەتلا بىر خىيال.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر