- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزى ھەربىي كومىتېتى «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى كۈچەيتىش ۋە گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابى پۈتۈن ئارمىيەدىكى پولكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارغا تارقىتىشنى تەستىقلىدى
2017.05.22 14:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى پولكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى ئەينەن، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ مەركەزگە سادىق بولۇش، مەركەزنى ھىمايە قىلىش، مەركەزنى قوغداش ئىدىيە سىياسىي ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاش، ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى قوراللاندۇرۇش، تەربىيەلىنىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، خىزمەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، پولكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قوللىنىشى ئۈچۈن تەھرىرلەشكە تەشكىللىگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى كۈچەيتىش ۋە گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتاب يېقىندا ئازادلىق ئارمىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى پولكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارغا تارقىتىلدى.
پۈتۈن كىتاب ئەسەرلەر توپلىمى شەكلىدە، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى نويابىردىن 2017-يىلى ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇھىم 67 پارچە يازمىسى توپلانغان بولۇپ، كىتابتا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى كۈچەيتىش ۋە گۈللەندۈرۈشتىكى بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى، مۇھىم نەزەرىيەۋى قارىشى، مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن. «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى كۈچەيتىش ۋە گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا» دېگەن كىتابىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ياخشى ئىشلىتىش-- پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى نەزەرىيە، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشكە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى يەنىمۇ پىششىق ئىگىلەشكە، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر