باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى يوللاپ مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار دوستلۇق-ئالاقە جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2017.05.25 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار دوستلۇق-ئالاقە جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى يوللاپ، مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار دوستلۇق-ئالاقە جەمئىيىتى ئەزالىرى ۋە بارلىق تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ يېپىق ئىشىكى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرىدىغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان زېمىنغا ئايلاندى. ئىككى قىرغاق رىشتى ئۈزۈلمەس، تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە بولۇپ، ئىككى قىرغاق ئىقتىسادى ئوخشاشلا جۇڭخۇا مىللىتى ئىقتىسادى دېمەكتۇر. قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە قېرىنداشلىق مېھرىنى كۈچەيتىش مىللەتنىڭ تەقدىرىنى پۇختا ئىگىلەش، شۇنداقلا ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايمىز، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرىشىنى قارشى ئالىمىز. ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئوقۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشى ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى يارىتىمىز، شۇنداقلا تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار دوستلۇق-ئالاقە جەمئىيىتىنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، «بىر جۇڭگو» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئورتاق يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوغداش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر