باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋىي ئائىلە ئىستىلىنى نۇرلاندۇردى

2017.05.24 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  300 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم، 80 دىن ئارتۇق نەق بۇيۇم، 43 ئائىلە ئىستىلى ھېكايىسى 22-ماي جۇڭگو ئاياللار ۋە ئۆسمۈرلەر مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئائىلە ئىناق بولسا، ئىشلار روناق تاپىدۇ - ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە»دە كۆرگەزمە قىلىنىپ، تاماشىبىنلارغا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋىي ئائىلە ئىستىلىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تارىخىي ئىزنالار تەسۋىرلەندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە: بۇ قېتىملىق باش تېمىلىق كۆرگەزمە ئائىلە ئىستىلىنى يادرو، ئائىلە باشقۇرۇشتىكى ئاتا-ئانىلار تەربىيەسى، سالام خەتنى ۋاسىتە قىلىپ، تاماشىبىنلارغا جۇڭگونىڭ كىلاسسىك ئائىلە باشقۇرۇشىدىكى ئاتا-ئانىلار سۆزى، سالام خەتنى، پېشقەدەم پرولىتارىيات ئىنقىلابچىلارنىڭ قىزىل ئائىلە ئىستىلى ۋە زامانىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش-ئىزلىرىنى، شۇنداقلا زامانىمىزدىكى ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ مەدەنىي سالاپىتىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنى ئالىيجاناب، ئەخلاقلىق، ئاقكۆڭۈل بولۇشقا، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان ئادەم بولۇشقا يېتەكلەپ، ئائىلىلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇساپىدە ئائىلىنى سۆيۈش بىلەن دۆلەتنى سۆيۈشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىجرا قىلىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى مۇجەسسەملىشىنى تەشەببۇس قىلىنغان.

  ئائىلىنىڭ مەدەنىيەتلىك خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»نىڭ ئۈلگىلىك كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، «ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى -- جۇڭگودىكى ياخشى ئائىلىلەر، ياخشى ئائىلە ئىستىلى سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى» شۇ كۈنى جۇڭگو ئاياللار ۋە ئۆسمۈرلەر مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى، «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»لەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا چىقتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېڭىلىق يارىتىپ بىر يۈرۈش ئائىلە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» ئىزدەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى دائىمىيلاشتۇرۇش پائالىيىتىدە، 2 مىليون 660 مىڭ «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» مەيدانغا كەلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر