باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ۋۇ دۈنيىنىڭ جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى

2017.05.22 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋۇ دۈنيىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئىككى پارتىيەنىڭ ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، «92- يىل ئورتاق قارىشى»دا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات توغرا يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شۇ كۈنى جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى ۋۇ دۈنيى جاۋاب تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتتى، ئىككى پارتىيەنىڭ «92- يىل ئورتاق قارىشى»نى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاق تىنچلىقىنىڭ تۈزۈملىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ داۋاملىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى ساغلام تەرەققىيات يولىغا سېلىشنى ئۈمىد قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر