باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2017.05.18 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 17-ماي تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، مەملىكىتىمىزدىكى پەلسەپىۋى ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى 40 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە دەۋر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىپ، خەلق بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ماركسىزملىق نەزەرىيە بازىسى قۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيە ئامبىرىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز نەتىجە يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ پەلسەپىۋى ئىجتىمائىي پەنلىرىنى گۈللەندۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر