باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقا جايغا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ

2017.05.19 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقا جايغا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش كەسپىنى ئىككى جايغا قاتىراپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماي، ناھايىتى قولاي ھالدا بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى. 16-ماي، ئۈرۈمچىدە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقا جايغا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇپ كېلىۋاتقان خىزمەتچىلەر مەملىكىتىمىزدىكى 230 تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. بۇ، ئۈرۈمچىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇشتا «كەزمە ساياھەت» كەسپىنى ئېچىۋەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقا جايغا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش كەسپىنىڭ بېجىرىلىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى مەملىكەتلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقا جايغا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش سۇپىسىغا رەسمىي ئۇلاندى، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقا جايدا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش كەسپى مەملىكەت بويىچە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقا جايدا يۆتكەپ ئۇلاپ تاپشۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقا جايغا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىش، پۇل تاپشۇرۇش جەريانىدا، ئىككى جايغا قاتىراپ كەسىپ بېجىرىشى ھاجەتسىز. بۇنىڭدىن سىرت، باشقا جايغا يۆتكەش جەريانىدا، خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئىسچوتىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ۋە مەبلەغنىڭ بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر