باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «پىكىر» بېسىپ تارقىتىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

2017.05.22 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «نېفىت، تەبىئىي گاز تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، ئومۇمىي پىكرى ۋە ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى بېكىتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نېفىت، تەبىئىي گاز تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا مۇستەھكەملەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كارخانا، بازار، ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى نىشان قىلىپ، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان، ئاساسلىنىدىغان قانۇنى بار، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئۈنۈملۈك نېفىت، تەبىئىي گاز تۈزۈلمىسى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مەنپەئەتى، كارخانا مەنپەئەتى، ئىجتىمائىي مەنپەئەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر