باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىلىكىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يېرى كۆچمەس مۈلۈك تىزىملىكىگە بىۋاسىتە كىرگۈزۈلۈپ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلىپ گۇۋاھنامە بېرىش ئورۇندىلىدۇ

2017.05.22 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك دۆلەت ئىلىكىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا، زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ گۇاڭخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ئىلىكىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يېرى كۆچمەش مۈلۈك تىزىملىكىگە بىۋاسىتە كىرگۈزۈلىدۇ ھەم ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىنمايدۇ.

  بۇلتۇر، زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئاساسىدا، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ « دۆلەت ئىلىكىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېزلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى بېسىپ تارقىتىپ، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىلىكىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىش ۋەزىپىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇنداشنى تەلەپ قىلدى. ۋاڭ گۇاڭخۇا مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىلىكىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش-كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ئىلىكىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يېرىنى كۆچمەس مۈلۈك تىزىملىكىگە بىۋاسىتە كىرگۈزۈشتە، ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىنمايدۇ، بۇ، ئېلىمىزنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھات داۋامىدا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر