باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې بىلەن كۆرۈشتى

2017.05.16 15:49   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ماي «خەلق» سارىيىدا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې بىلەن كۆرۈشتى.شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: فىلىپپىن جۇڭگونىڭ دوست قوشنىسى، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھى. ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو-فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ توغرا يولى. جۇڭگو فىلىپپىن بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىيات يولىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دېڭىزدىكى دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىپ، بىرلىشىپ ئىزدەپ قۇتقۇزۇش، يۆلەش، خەلق تۇرمۇشى، زەھەر چەكلەش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈش ياكى باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، مەدەنىيەت، ياشلار، ساياھەت، خادىملار بېرىش-كېلىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو فىلىپپىننىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ياخشى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسىي خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئورتاق مەنپەئەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت دائىرىسىدىن 22 مىڭ 972 ئوقۇتقۇچىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئوقۇغۇچىلار…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2017-يىللىق جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىم…
    ·چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ رايون ھالقىغان سەييارە پونكىتلىرى تۇنجى ب…
    ·جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى 
    ·شىنجاڭ سانجى ئىنستىتۇتى 29 نەپەر يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى 
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىقى ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم پەللىسىگە كەلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەر بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ مەكتەپلەرنى باھالاش …
    ·ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇپ چىقتى