باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى توردا تەكشۈرۈلىدۇ

كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ

2017.05.22 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئەتراپىڭىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش ئەھۋالى قانداق بولدى؟ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىش ئەھۋالى قانداق بولدى؟ ... مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش مەركىزى 20-مايدىن 30-مايغىچە توردا سوئال جاۋابلىق تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەتتىن كەڭ تەكلىپ-پىكىر ئالىدۇ.

  2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتىن ئىبارەت سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. تۆت يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باشتىن-ئاخىر «قاتتىق بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە چىداپ تۇرماي، ئىستىلنى توغرىلاپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈردى.

  بۇ قېتىملىق تور تەكشۈرۈشى 14 مەسىلىگە چېتىلىدۇ، ئاساسلىقى جامائەتنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا بولغان ئىنكاسى ۋە پىكىرىنى ئىگىلەش مەقسەت قىلىنغان. سوئال قەغىزى خەلق تورى، شىنخۇا تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، نۇر تورى قاتارلىق تور پونكىتلىرىدا ماس قەدەمدە چىقىرىلىدۇ، كەڭ تورداشلارنىڭ قاتنىشىشنى قارشى ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر