باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ «ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدىكى تەڭ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى

2017.05.16 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 15-ماي بېيجىڭدا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ «ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدىكى تەڭ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان قىسمەن چەت ئەل ۋەكىللىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باشلىقلار مۇنبىرىدە قىلغان مۇھىم سۆزى «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مول نەتىجىلەر قولغا كېلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى. ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى شۇنداقلا مۇھىم كاپالىتى، جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن پارتىيە، ئاقىللار ئامبىرى، ئەلئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ تىنچلىق، گۈللىنىش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەدەنىيەت يولىغا ئايلىنىشىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  چەت ئەل ۋەكىللىرى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باشلىقلار مۇنبىرىدە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن قىلغان تارىخىي خاراكتېرلىك سۆزى يېڭىچە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت پۈتۈن دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئۇلۇغ ئىشنى داۋاملىق قوللايمىز ۋە تېخىمۇ كۆپ توپلارنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى، ئەل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر