باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى ئالتە تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق تور سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، ئېلىنىدىغان ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، 6 مىليون ئابونېنتقا نەپ يەتكۈزىدۇ

2017.05.19 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ماي دۇنيا تېلېگراف ۋە ئۇچۇر جەمئىيىتى كۈنى، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تېلېگراف كۈنىنى خاتىرىلىدى. بۇ يىلدا ئالتە تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تور سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، ئېلىنىدىغان ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، شىنجاڭدىكى 6 مىليون بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابونېنتىغا نەپ يەتكۈزىدۇ.

  بۇ ئالتە تۈرلۈك تەدبىر بولسا، 1000 نۇر مېگابايتلىق كەڭ بەلباغلىق تور قۇرۇلۇشىنى قوزغىتىش؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرگە ۋە ئاۋات، نۇقتىلىق خەلقئارالىق لىنىيەلەرگە بولغان خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق بىۋاسىتە ئۇرۇلىدىغان تېلېفون ھەققىنى تۆۋەنلىتىش؛ ئالاقە تورى مەخسۇس لىنىيەسى ھەققىنى 2016-يىلىدا %35 تۆۋەنلەتكەن ئاساستا، يەنە داۋاملىق تۆۋەنلىتىش؛ ئالاقە تورىدىكى چەكسىز مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ ئوتتۇرا ۋە ئالىي ئابونېتلارنى ئۆلچەملىك ئېنىقلىقتىكى سىن فىلىملەرنى كۆرگەندىكى ئېقىمنى بىكار قىلىش؛ پۈتۈن تور خەۋەرلىشىشىنى قوللايدىغان يان تېلېفوننى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر