- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش تىپىك دېلولىرىدىن سەككىز دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى
2017.05.18 17:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، توردا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇچۇر تارقىتىشتەك تىپىك دېلولاردىن تۆتىنچى تۈركۈمدىكى سەككىز قېتىملىق دېلونى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ھەمدە ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دېلو سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنى ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە ساختا ئىغۋاگەرچىلىك دېگەندەك جەھەتلەرگە ئالاقىدار يېزىق، سۈرەت، ئۈن-سىن مەزمۇنلىرىنى تەرغىپ قىلىپ، ساقلاپ، تارقاتقانلىقى ئېنىقلاندى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دېلو سادىر قىلغۇچىلارنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.
1-دېلو: تۇرپان شەھىرىدىكى ئى XX، خ XXنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە ئائىت ئۈن ـ سىن ماتېرىياللىرىنى ساقلاش، تارقىتىش دېلوسى
2016- يىلى 12- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئى XX (ئەر، ئۇيغۇر، 22 ياش، پىچان ناھىيەسىدىن) ۋە خ XX (ئەر، ئۇيغۇر، 41 ياش، پىچان ناھىيەسىدىن) يانفونلىرىدىكى يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە دائىر كۆپ قىسىم ئۈن ـ سىن فىلىم ماتېرياللىرىنى تارقاتقان بولۇپ، ئۇلار تور ئەھلى تەرىپىدىن پاش قىلىنغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئى XX، خ XXغا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.
2-دېلو: خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئا XXنىڭ تېررورلۇققا ئالاقىدار ئېلېكترونلۇق كىتابنى ساقلاش دېلوسى
2016- يىلى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئا XX (ئەر، ئۇيغۇر، 35 ياش، قاراقاش ناھىيىسىدىن) بەيدۇ تور دىسكىسىدا كۆپ قىسىم زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئاىت ئېلىكترونلۇق كىتاپنى ساقلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى تور ئەھلى تەرىپىدىن پاش قىلىنغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئا XXغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.
3-دېلو: خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئە XXنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە ئائىت ئۈن ـ سىن ماتېرياللىرىنى ساقلاش دېلوسى
2017- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئە XX (ئەر، ئۇيغۇر مىللىتى، 30 ياش، كېرىيە ناھىيەسىدىن) بەيدۇ تور دىسكىسىدا دىنىي ئەسەبىيلىككە ئائىت ئۈن ـ سىن ماتېرياللىرىنى ساقلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى تور ئەھلى تەرىپىدىن پاش قىلىنغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئە XXگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.
4-دېلو: ئىلى ئوبلاستىدىكى ب XXنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك تۈسىدىكى رەسىمنى ساقلاش ۋە تارقىتىش دېلوسى
2017- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى، ب XX (ئەر، ئۇيغۇر، 30 ياش، تېكەس ناھىيىسىدىن) QQ بوشلۇقىدا كۆپ پارچە دىنىي ئەسەبىيلىك مەزمۇنىدىكى رەسىملەرنى ساقلىغان ۋە تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرى تور ئەھلى تەرىپىدىن پاش قىلىنغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ب XXغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.
5-دېلو: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ما XXنىڭ پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى
2017- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى ما XX (ئەر، خەنزۇ، 22 ياش، ئاقسۇ شەھىرىدىن) QQ توپىدا «توپىلاڭ يۈز بەردى، ئادەم ئۆلۈش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى؛ ئەڭ قەبىھ يېرى شۇكى، بىر كەنتنىڭ ئادىمى بىر كېچىدە ئۆلتۈرۈۋېتىلدى» دېگەندەك ئىغۋا ئۇچۇرىنى تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى تور ئەھلى تەرىپىدىن پاش قىلىنغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ما XXغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.
6-دېلو: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى خۇاڭ XXنىڭ پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى
2017- يىلى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى، خۇاڭ XX (ئايال، خەنزۇ مىللىتى، 27 ياش، ئونسۇ ناھىيىسىدىن) ئۈندىدار توپىدا «تۈنۈگۈن يەكەندە توپىلاڭ بولدى» دېگەن ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى تور ئەھلى تەرىپىدىن پاش قىلىنغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خۇاڭ XXغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.
7-دېلو: خوتەن ۋىلايىتىدىكى چېڭ XXنىڭ پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى
2017- يىلى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى، چېڭ XX (ئايال، خەنزۇ، 38 ياش، خوتەن شەھىرىدىن) ئۈندىدار توپىدا «يەكەن خەلق مەيدانىدىكى توپىلاڭ» مەزمۇنىدا خەت چۈشەندۈرۈشىنى كىرگۈزۈپ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ پىتنە-ئېغۋا تارقاتقان ئۇ ئۈن-سىن فىلىمى ماتېرياللىرى تور ئەھلى تەرىپىدىن پاش قىلىنغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى چېڭ XXغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.
8-دېلو: قۇمۇل شەھىرىدىكى يۈ XXنىڭ پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى
2017- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى، يۈ XX (ئايال، خەنزۇ، 24 ياش، قۇمۇل شەھىرىدىن) ئۈندىدار توپىدا «قۇمۇلدا توپىلاڭ بولدى، بىر ئادەم ئۆلدى، ئەتىگەندىن كەچكىچە گۈدۈك ئاۋازى چېلىنىۋاتىدۇ» دېگەندەك پىتنە-ئېغۋا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى تور ئەھلى تەرىپىدىن پاش قىلىنغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يۈ XXگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر