باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

2017.05.16 15:43   مەنبە: خەلق تورى

«بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

  ئۇ سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەكىتلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 15-ماي بېيجىڭ يەنچىخۇ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. 30 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ب د ت، دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، «خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش» تېمىسىنى چۆرىدەپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدا پىكىرلىشىپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ھەم قوشما ئاخبارات ماقۇللىدى.

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  باش يازدىكى يەنچىخۇ كۆلى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. قەدىمقى يىپەك يولى گۈللەنگەن دەۋردىكى خەن، تاڭ سۇلالىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدا لايىھەلەنگەن يەنچىخۇ خەلقئارا يىغىن مەركىزى خۇددى قاناتلىرىنى كېرىۋاتقان ياۋا غازغا ئوخشايتتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىنغا قاتنىشىدىغان رەھبەرلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى كەينى-كەينىدىن بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ چوڭ زالدا ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، شى جىنپىڭ ياغاچ بولقا بىلەن چېكىپ، يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىم سۆزى قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا بىر-بىرىگە بېقىنىدىغان، خەلقئارا خىرىسلار بىرى بېسىلسا، بىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر-بىرىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئامىللار ۋە تەرەققىيات بايلىقلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بىرلەشتۈرگەندە ئاندىن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ. مەن 2013-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماس، ھەمتۈرتكە بولىدىغان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي يىلتىزى بولسىمۇ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن؛ ئۇ جۇڭگودىن باشلانغان بولسىمۇ، دۇنياغا مەنسۇپ. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى رامكىسى ئىچىدە، ھەرقايسى تەرەپلەر قولمۇ قول تۇتۇشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى كۆزلەپ، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى يۆنىلىشىگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىشى كېرەك. تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2017-يىللىق جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىم…
    ·چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ رايون ھالقىغان سەييارە پونكىتلىرى تۇنجى ب…
    ·جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى 
    ·شىنجاڭ سانجى ئىنستىتۇتى 29 نەپەر يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى 
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلىنىدۇ
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىقى ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم پەللىسىگە كەلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەر بىخەتەرلىك ئەھۋالىنىڭ مەكتەپلەرنى باھالاش …
    ·ئېلىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇپ چىقتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا يەنىمۇ …
    ·ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى تائامى — پولۇ