باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نۇرغۇن جايلار كەسپى ئورۇنلارغا ئاشكارا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى

كېلەر ئايدا 10 ئۆلكە بىر كۈندە يازما ئىمتىھان ئالىدۇ

2017.05.18 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۇرغۇن جايلار يېقىندا 2017-يىللىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلەرنى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. ھازىر، شاڭخەي، شەنشى، ئەنخۇي، خۇبېي قاتارلىق 10 ئۆلكە 6-ئاينىڭ 3-كۈنى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا تەكلىپ قىلىش يازما ئىمتىھانى ئالىدىغانلىقىنى بېكىتتى، 10 ئۆلكە 45 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ.

  كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى دېگەن نېمە؟يېقىندا، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلىنىشى بىلەن بىرگە، جايلارنىڭ 2017-يىللىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىمۇ ئارقا-ئارقىدىن باشلاندى، بەزى ئۆلكە، شەھەرلەر كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى ئېلىپ بولدى.

  كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ پەيدا بولغىنىغا خېلى ئۇزاق بولدى، 2016-يىلى يولغا قويۇلغان «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»دە، كەسپىي ئورۇنلارغا يېڭىدىن كىرىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى، كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە يۇقىرىنىڭ تەيىنلىشى ۋە مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان خىزمەت ئورنىنىڭ باشقىچە ئۇسۇلدا خادىملارنى ئۆستۈرۈپ تەيىنلىشىدىن باشقا ھەممىسىنىڭ ئاشكارا تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورنىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش شەرتى ۋە تەلىپى بويىچە ئىمتىھان ئېلىش، باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  2014-يىلى 7-ئايدا يولغا قويۇلغان «كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»غا ئاساسەن، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاشكارا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تەرتىپى مۇنداق يەتتە باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئاشكارا قوبۇل قىلىش لايىھەسى تۈزۈش؛ قوبۇل قىلىدىغان ئىش ئورنى، سالاھىيەت شەرتى قاتارلىق قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش؛ تەكلىپ قىلىنغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت شەرتىنى تەكشۈرۈش؛ ئىمتىھان ئېلىش، تەكشۈرۈش؛ سالامەتلىك تەكشۈرۈش؛ تەكلىپ قىلىنىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش؛ تەكلىپ قىلىش توختامى تۈزۈپ، تەكلىپ قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر