باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن بەشنى ئەۋەتىپ، مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ

2017.05.19 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ماي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى» ئېچىپ، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن بەشنى ئەۋەتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماق (ئورۇن)لىرىنىڭ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان كونكرېت مەسىلىلەردىن 59ىنى مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق پۈتۈن جەمئىيەت بويىچە مۇقىم مۈلۈك مەبلەغ سېلىنمىسى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىنغان تۈرلەردە قۇرۇلۇش قىلىنىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىرگەن.

  نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدا رەتلەپ چىقىلغان ۋە ساقلانغان ئالتە چوڭ تۈردىكى 59 كونكرېت مەسىلىنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر