باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پايانسىز كۆك ئاسماندا بىرلىكتە زەپەر قۇچايلى

-رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا

2017.05.17 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2017-يىلى 14-مايدىن 15-مايغىچە بېيجىڭدا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىغا قاتنىشىپ ۋە باشلىقلار يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى كۆزىتىش-ئويى توغرىسىدا يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق پىلانلىدى.

  14-ماي چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت يىغىن مەركىزىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئېچىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئىنسانىيەتكە نەزەر تاشلاپ، قەدىمدىن ھازىرنى مۇلاھىزە قىلىپ، كەيپىيات كۆتۈرەڭگۈ بولدى.

  1600 كىشىلىك يىغىن مەيدانى كىشىلەر بىلەن لىق تولدى. 40 نەچچە مىنۇتلۇق نۇتۇق جەريانىدا، 27 قېتىم ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر تەھلىلى، بۈيۈك تەشەببۇسى، ئەمەلىي تۈرتكىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىپ، مول نەتىجىگە ئېرىشىشىگە يول كۆرسىتىپ، ھەر ساھەدىكى ئەزىز مېھمانلارنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى.

  تاراتقۇلار مۇنداق باھا بەردى: ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بېيجىڭ يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى جۇڭگونىڭ رايونلار ئارا ھەمكارلىق سۇپىسىدىكى ئاساسىي مەيدان پوزىتسىيەسى دېسەك، ئۇنداقتا جۇڭگو ئۇيۇشتۇرغان «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ھەقىقىي مەنىدىكى «جۇڭگو ماركىسى»دۇر.رەئىس شى جىنپىڭ 2013-يىلى كۈزدە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئارزۇ رېئاللىققا ئايلاندى.تۆت يىلدىن بۇيان، دۇنيا بويىچە 100 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى قوللىدى ۋە قاتناشتى. ب د ت يىغىنى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق مۇھىم قارارلارمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى كىرگۈزدى.

  يېڭى يىلنىڭ بېشىدىكى داۋوس يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ سەھنىسىگە چىقىپ، «دەۋر مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىمىزگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتكۈچنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ يىل 5-ئايدا بېيجىڭدا «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەمكارلىق چوڭ پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ھەمكارلىق سۇپىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر