باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 57 مەسىلىنى ئاشكارىلاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2017.05.18 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17- ماي، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە «1- ماي تاڭزۇڭزا بايرىمى مەزگىلىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش ۋە ئاشكارىلاش مەخسۇس سەھىپىسى»دە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 57 مەسىلىنى ئاشكارىلاپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. بۇ، مەزكۇر سەھىپە ھەر ھەپتىلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىش سەھىپىسى قىلىپ ئېچىلغاندىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىم مەركەزلىك ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى ئىكەن.

  ئۈستىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان بۇ 57 دېلو مەملىكەت بويىچە 29 ئۆلكە، رايون ۋە شەھەرلەردە، ھەمدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە يۈز بەرگەن دېلولاردۇر. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان بۇ دېلولار بولسا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغان، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەن، ھۆكۈمەت پۇلىغا خالىغانچە يەپ-ئىچكەن، ياردەم پۇلى، تولۇقلىما پۇل ۋە پاراۋانلىق پۇلى دېگەندەك پۇللارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خالىغانچە تارقاتقان مەسىلىلەرگە چېتىشلىق دېلولاردۇر. مەزكۇر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش 1- ماي تاڭزۇڭزا بايرىمى مەزگىلىدە «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىر قەدەر كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولىنى ئوينىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر