باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.05.18 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 17-ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەقنى ئازايتىش ۋە ئەشيا ئوبوروت، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە كۈچ چىقىرىش بېكىتىلدى؛ «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى روھى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازار ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادكارلىق كۈچىنى قوزغاشنى چۆرىدەپ، يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: ئالدىنقى مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يەنە بىر تۈركۈم ھەقنى تۆۋەنلىتىش يېڭى تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىش كېرەك. بىرىنچى، كارخانىلارنىڭ ئەشيا-ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ تۆمۈر يول تىرانسپورت كارخانىلىرىدىن ئالىدىغان ئېلېكتىرلەشتۈرۈلگەن تۆمۈر يوللارنىڭ قەرز قايتۇرۇشتىكى توك باھاسى، تەڭ سوممىلىق تۆۋەنلىتىلگەن تۆمۈر يوللارنىڭ يۈك توشۇش باھاسىنى بىكار قىلىش كېرەك. يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشىنى قانۇن بويىچە بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش ھەققى يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. گەنسۇ، چىڭخەي، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا ئۆلكىسىدىكى تۆت ئۆلكىلىك(رايونلۇق) ھۆكۈمەتنىڭ 2-دەرىجىلىك تاشيولدىن ھەق ئېلىپ قەرز قايتۇرۇشىنى بىكار قىلىش كېرەك. يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يېشىل يول سىياسىتىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئىككىنچى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورىنىڭ توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھاسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توك يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھاسىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش كېرەك. توك چىقىرىش كارخانىلىرى بىلەن ئابۇنتلارنىڭ بىۋاسىتە سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. توك باھاسى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشەش مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى بىكار قىلىش، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى فوندى ۋە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى رايونلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرگە كېيىنكى مەزگىللىك يۆلەش فوندى يىغىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش، گۈڭگۈرتسىزلەندۈرۈش، نىتراتسىزلاندۇرۇش توك باھاسىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. تۇرۇبا تىرانسپورتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، قالايمىقان ھەق ئېلىشلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆلكە ئىچىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى يەتكۈزۈش، تەقسىملەش باھاسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، تىجارەت، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەقنى ئازايتىش كېرەك. مەمۇرىي تەستىق تارماقلىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت قىلغاندا ھەقنى ئۆزلىرى تۆلىشى كېرەك. كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودا ئۇيۇشمىلىرىنىڭ نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى بىكار قىلىپ، ساقلاپ قالغان تۈرلەرنىڭ يۇقىرى بولۇپ كەتكەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سودا ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سۇغۇرتا ھەققى يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. يۇقىرىقى تەدبىرلەر يولغا قويۇلغاندا، بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ 120 مىليارد يۈەن يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش تۈرلىرىنىڭ تىپىك مىسالىنى تۇتۇپ، ئاشكارىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەق ئېلىشنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر يىل ئىچىدە كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەق ئېلىش تىزىملىكىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر