خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ماي، كېنىيە پايتەختى نايروبىدا، كېنىيە زۇڭتۇڭى ئۇخۇرۇ كېنياتا جۇڭگو ۋە كېنىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
پات ئارىدا جۇڭگوغا كېلىپ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغان كېنىيە زۇڭتۇڭى ئۇخۇرۇ كېنياتا شۇ كۈنى جۇڭگو ۋە كېنىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»دا تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، ئۆزئارا بىرلىشىش ئافرىقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى